ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ سۈرىيەگە ئالاھىدە ۋەكىلى ئەلچى جېيمس جېففېرى 2018-يىلى 3-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ماتبۇئات ئەزالىرىغا قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر مۇھىم باياناتلارنى قىلدى.
جېففېرى قىلغان باياناتتا قىسقىچە;
-- گېرمانىيە، فىرانسىيە، بىرلەشمە پادىشاھلىق، سۇدىيە ئەرەبىستانى، ئوردۇن ۋە مىسرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كىچىك گۇرۇپپا دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ گۇرۇپپانىڭ سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتى رەئىسى ناصر ھارىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشكەنلىكىنى،
-- ئۆكتەبىر ئايدا تۈركىيەنىڭ مېھمانخاناچىلىقىدا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانسىيىدىن كېيىن ئاستانا داۋامىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئاساسىي قانۇن ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى تەييارلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەنلىكىنى،
-- كىچىك گۇرۇپپا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، بىركىملەر تەشكىلاتىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدە بىركىملەر ياردىمىدا سۈرىيەلىكلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە يەنە ئۆزلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، داۋاملىق ۋە تىنچلىقچان سىياسى چارە-تەدبىرگە ئېھتىياجى بارلىقى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى،
-- ئىدلىبدا بىر جەڭسىز رايون بولغانلىقىدىن خۇشاللىق بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇ پىكىرلىرىنى پەقەت تۈركىيەگەلا ئەمەس، رۇسىيەگەمۇ يەتكۈزگەنلىكىنى،
-- ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىبدا بىر خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا بىر داۋا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەقتە ھازىرچە دەلىللەيدىغان ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى،
-- مەنبىچتە ھېلىمۇ PYD/YPG ئەزالارنىڭ بار-يوقلۇقى، تۈركىيەنىڭ مەنبىچكە قارىتىلغان بىر ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن قانداق چارە قوللىنىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن؛ 50 دىن ئارتۇق PYD/YPG ئەزاسى مەنبىچتىن چىققانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنىڭ تۈركىيەگەمۇ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، مەنبىچ ئاسكەر كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كومىتېتتە تۈركىيەگە تەھدىت يەتكۈزەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، مەنبىچ يول خەرىتىسى دائىرىسىدە ھەمكارلىق پاترولى ۋەزىپىلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى،
-- ئامېرىكانىڭ سوتسى / ئاستانا ئىنىسىياتىۋىسى بىلەن يولغا داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، باشقا بىركىملەر ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى، ئاستانا رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتلەر بىر سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازانالمىغانلىقىنى، ئاستانانىڭ ئەمدى توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى،
-- ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى كۇرتلارغا دائىر سىياسىتى نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا؛ بۇ رايوندىكى جەمئىيەت بىلەن داعش تېررور تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، پەقەت كۇرتلار بىلەنلا ئەمەس، ئەرەپلەر ياكى باشقا گۇرۇپپىلار بىلەنمۇ سىياسى مەقسەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى،
-- ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە بولۇش مەقسىتىنىڭ داعشنى مەغلۇپ قىلىش ئىكەنلىكىنى، سۈرىيەدە مەڭگۈ قالمايدىغانلىقىنى، ئەمما داعش يەڭىلگەن، ئىراننىڭ باشقۇرۇشىدىكى بارلىق گۇرۇپپىلار سۈرىيەدىن چېكىنىپ، قايتۇرغىلى بولمايدىغان سىياسى جەريان باشلانغاندا بۇ دۆلەتتىن چىقىدىغانلىقىنى،
-- ئامېرىكا سۈپىتىدە ئاسكەر كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل سىياسىي تاللاشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىراقنىڭ شىمالىدا يەر ئۈستىدە (يەرلەردە) بولمىغانلىقىنى، ئەمما شىمالدىن ئىزچىل ھەرىكەت ئارقىلىق 13 يىل بۇ رايوندا بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ بىركىملەر كۈچى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بىركىملەرنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىدا بىركىملەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان ۋە ئىجرا قىلىنغان ئوتتۇراچىلىق توختىتىش توغرىسىدا سۆزلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ قوشما قۇۋۋەت ياكى باشقا دۆلەتلەر كۈچلىرىدىن تەركىب تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلكى جېيمس جېففېرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر باياناتلىرى ناھايىتى دىققەت تارتىدۇ. باياناتتا ئورۇن ئالغان ئۈچ نۇقتا باشقا باياناتلارنىڭ ئالدىدا تۇرىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرىنىڭ كېلەچەكىگە دائىر ئىشارەتلەرنى كۆرسەتكەن.
بۇلارنىڭ بىرى ئاستانا گۇرۇپپىسى دەپ ئاتىلىدىغان تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ كېلەچەكى توغرىسىدا قارارلار قوبۇل قىلىدىغان تەشكىل بولۇشقا دائىر. جېففېرى ئاستانا گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشىشىغا مۇسبەت باھا بەرسەمۇ، ئاخىرقى ئاستانا يىغىنىدىن ئەمەلىي قارار چىقمىغانلىقىنى، شۇڭا سىياسى چارە-تەدبىرگە ئۆتۈش جەريانىدا ئاستانادىن نەتىجە چىقمىيدىغانلىقىنى، ئەمدى ئاستانانىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا مەنبىچ توغرىسىدىكى بايانات. ئۇزاق ۋاقىتتۇر تۈركىيەنى بۇ مەسىلىدە ئويلىتىپ تۇرىۋاتقان ئامېرىكا، بۇ قېتىمقى باياناتتا 50 دىن ئارتۇق PKK/PYD تېررورچىسى مەنبىچتىن چىققانلىقىنى، بۇنى تۈركىيەگەمۇ بىلدۈرگەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق پاترولى توغرىسىدا ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن چوڭ ئالغا قەدەم قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. تەخمىنەن 1500 تېررورچى بار بولغان رايوندىن 50 تېررورچى چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتىپ، تۈركىيەنى ئويلىتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئامېرىكا، نامى مەلۇم بولغان مۇئەييەن تېررور تەشكىلاتى ئەزالارنى مەنبىچتىن چىقىرىپ، رايوننى تېررور تەشكىلاتى ئەزالارتىن پاكىزلىدى دەپ جاھانغا ئېلان قىلىپ، ئالدامچىلىق ئويۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۈچىنچى ۋە بەلكىم ئەڭ مۇھىمى بولغان، ئەمما ئاستانانىڭ توختىتىلىشى كېرەك دەپ بايانات قىلغان ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نۇقتا بولسا، ئامېرىكانىڭ ئەمدى سۈرىيەدە فۇرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئۇچۇشقا چەكلەش رايونى ۋە ئىراقتا قۇرۇلغان چاقماق كۈچكە ئوخشاش بىر تەشكىلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا يېتىپ بارغانلىقىدۇر. كۆزدىن ياشىرىنغان ئەمما ناھايىتى مۇھىم بۇ بايانات ئارقىلىق جېففېرى ئەمەلىيەتتە سۈرىيەنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە PKKستان قۇرۇش يولىدا ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىراقتا سەدامغا تەۋە ئايروپىلان كۈچلىرىنىڭ ئىراق شىمالىدا ئۇچۇشىغا چەكلەش قويغان دەۋرنىڭ چاقماق كۈچىگە ئوخشاش تەشكىل سۈرىيەدە قۇرۇلۇشىنىڭ يەككە مەقسىتى ئايروپىلان كۈچى بولمىغان داعش ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ئايروپىلان كۈچلىرىنىڭ فۇراتنىڭ شەرقىگە ھەرىكىتىنى توسۇش بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇچۇشقا چەكلەش رايونى باشقۇرۇشى ئارقىلىق سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرى ۋە شىئىيە مىلىسىلىرىنى كۆزىتىش ئامېرىكانىڭ مۇنداق چاقماق كۈچ قوللىنىشىدىن ئەڭ چوڭ ئۈمىدى بولىدۇ.
نۆۋەتتىكى شەرت-شارائىتتا مۇمكىن بولغان رۇسىيە ۋېتو سەۋەبىدىن بىركىملەردىن سۈرىيەدە چاقماق كۈچكە ئوخشاش تەشكىل قۇرۇش قارارى چىقمىغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكا بۇ قېتىم ئۇچۇشقا چەكلەش رايونى ئۈچۈن NATO نى قوللىنىشقا تىرىشىدۇ. بۇ يەردە تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى ئالماقچى بولۇپ ئىدلىبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇشقا چەكلەش رايونى تەكلىپى بىلەن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىدلىبتىكى NATO نىڭ كونترولدىكى ئۇچۇشقا چەكلەش رايونى سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالايدىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە جەلپ قىلىشچان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما تۈركىيە بۇنداق قارارغا قوللاش بەرسە، تۈركىيە يەرلىرىدە NATO كۈچلىرىنىڭ ئېچىق-ئاشكارا جايلاشقىلىشىنىڭ ئالدى ئېچىلىدۇ.
جەھىت ئارماعان دىلىك
http://millidusunce.com/abdden-pkkistani-kurmak-uzere-suriyede-cekic-guc-onerisi/